ئەردوغان مىللىي سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز ئۆزىمىزگە يېتىمىز تۈركىيەم» ناملىق مىللىي ئىتتىپاقلىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىدى.

1387896
ئەردوغان مىللىي سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، «خەلققە خىتاب» نۇتۇقىنى سۆزلىدى.

ئۇ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر قىلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى سەۋەبلىك قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىرىمى تۆۋەن پۇقرالارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، «بىز ئۆزىمىزگە يېتىمىز تۈركىيەم» شوئارى ئاستىدا مىللىي ئىتتىپاقلىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى يەتتە ئايلىق مائاشىمنى ئىئانە قىلىش بىلەن باشلايمەن» دېدى.

ئۇ كابېنت يىغىنى جەريانىدا مىنىستىرلارنىڭمۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قىلىدىغان ياردىمىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەڭ چوڭ ھەسسىنى سودا-كارخانىچىلاردىن، خەيرىيەتپەرۋەرلەردىن كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەھەللە كومىتېت باشلىقلىرىنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرۈپ يىغىلغان پۇللارنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلدا نەق جايىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.»

«ھېچقانداق ۋىرۇس بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىزدىن، باراۋەرلىكىمىزدىن، قېرىنداشلىقىمىزدىن كۈچلۈك ئەمەس» دېگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ساقلىق ساقلاش قۇرۇلمىسى، خادىملار، دورا ۋە لازىمەتلىكلەر، جىددىي قۇتقۇزۇش كارۋاتلىرى نۇقتىسىدىن باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ياخشى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا: «ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) كۆرۈلگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا بىلىم كېڭىشىنىڭ تەۋسىيەلىرى بويىچە سەھىيە تەدبىرلىرىنى كەم-كۈتسىز يولغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىز ئاساسىي يېمەك-ئىچمەك ماددىلىرىنى ئۆزى ئىشلەپچىقارغانلىقى ئۈچۈن، زاپاس ساقلىغانلىرىمىز، ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرلىرىمىزنىڭ فۇنكسىيەسى ئېھتىياجىمزنى قامدىيالايدىغان سەۋىيەدە. يولغا قويغان تەدبىرلەر، دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھېچبىر كېسەللىك ئالدىمىزدىكى پارلاق ئەتىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇيالمايدۇ. ھېچقانداق تەھدىت بىزنى نىشانىمىزغا يېتىشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ، چۈنكى بىز تۈركىيەمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر