ئەردوغان بىلىم كېڭىشى ئەزالىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2020-يىلى 26-مارت) كورونا ۋىرۇسى (ۋۇخەن ۋىرۇسى) بىلىم كېڭىشى يىغىنىغا، ۋىدېئو كونفېرانس ئۇسۇلىدا قاتناشتى.

1385621
ئەردوغان بىلىم كېڭىشى ئەزالىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلەن مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇكتىن مەلۇمات ئالدى. ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىلىم كېڭىشى ئەزالىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشىدا ۋە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇشىدا، بىلىم كېڭىشىنىڭ خىزمەت ھەمدە تەۋسىيەلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «خەلقىمىز بۇ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرگە ئاڭلىق مۇئامىلە قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە رىئايە قىلدى. جەمئىيەتتە تەھدىتنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەنمىگەنلەر بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن خەلقىمىزنىڭ ئاڭلىقلىقىدىن خۇشالمىز. ھازىرغىچە مەسىلىنىڭ ھاياتلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلەر بار بولسىمۇ، سىلەرنىڭ تەۋسىيە ۋە تىرىشچانلىقىڭلار بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توغرىنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ بىلىم كېڭىشى ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ بۇ مۇساپىدە نامايان قىلغان ئىرادىسى، قەتئىي ۋە قايىل قىلارلىق مۇئامىلىسىنىڭ باشقا ساھەلەرگىمۇ ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۆلىتىمىزدىكى ۋەقە ۋە ئۆلۈم نىسبىتى، بارغانسېرى ئازىيىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپرېل ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىگە قارىتىلغان پەرەزلەر ھەر كۈنى ئېلان قىلغان سانلار بىلەن بارغانسېرى چېكىنمەكتە. بۇ مۇساپىدە سەھىيە خادىملىرىمىزنىڭ پېداكارلىقى ھەر تۈرلۈك تەقدىرلەشنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. سىلەرنىڭ نامىڭلاردا بارلىق سەھىيە خىزمەتچىلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن» دېدى.

ئۇ يولغا قويۇلغان تەبىرلەر ئارقىلىق خەلق ساقلىقىدىن باشقا ئېھتىياجلىرىنى قامداشتىن تۇرمۇشىغىچە بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن 83 مىليون پۇقراسىنىڭ يېنىدا. چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمىز بىلەن ئەلچىخانىلىرىمىز ۋە كونسۇلخانىلىرىمىزنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىزچىل ئالاقە ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز. دۆلىتىگە قايتىشنى تەلەپ قىلغان پۇقرالىرىمىزغا، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق مەۋجۇت شەرت-شارائىتلار دائىرىسىدە زۆرۈر ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىۋاتىمىز» دېدى.

يىغىنغا، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى مىنىستىرى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن قاتناشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر