ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ كوۋىد – 19 توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
1385381
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 15:00 باشلىنىدىغان يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى خۇبەر سارىيىدىن قاتنىشىدىكەن.
يىغىندا ئەردوغانغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى تۈركىيە ۋەكىلى ھايرەتتىن دەمىرجان ھەمراھ بولىدىكەن.