ئەردوغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە بىرلىك ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

1384511
ئەردوغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بىرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆز رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەرىپىدىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە تەييارلانغان، ئەردوغاننىڭ «ئىشەنسەك قىلالايمىز، بىرلىكتە ئۇتۇق قازىنىمىز. 83 مىليون بىر قەلبمىز» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن ۋىدېئولۇق ئۇچۇرنى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئورتاقلاشتى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە دائىر مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان ۋىدېئودا يەنە، ئەردوغاننىڭ «بىز ئىشەنگەن ئىنسانلارمىز ۋە بۇ ئىشتا ئۇتۇق قازىنىمىز» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر