تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 44 كە يەتتى

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 44 غا يەتتى.

1384445
تۈركىيەدە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 44 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، «7 بىمارىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق، يېڭىدىن 343 كىشىدە يۇقۇم بايقالدى» دېدى.

ئۇ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 3952 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 1872 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يوقىتىشلىرىمىز بولسىمۇ، تۈركىيە ئۈچۈن (تېخى) كېچىپ قالمىدۇق. تەدبىر (يۇقۇمنىڭ) كۆپىيىشىنىڭ يولىنى تورىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر