تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى  كۈرەشتە ئۈلگە يارىتىۋاتقان تۈركىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەرمۇ بېكىتىپ چىقىلدى.

1377749
تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مىنىستىرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا چاقىرىلغان «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا تاقابىل تۇرۇش يىغىنى» دىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىنى بىر مەزگىل كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. بۇ دائىرىدە بىرىنچىدىن، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 16 – مارتتىن باشلاپ بىر ھەپتىلىك تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 23 – مارتتىن ئېتىبارەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنتېرنېت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىز 16 – مارتتىن ئېتىبارەن 3 ھەپتىلىك تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيەلىرى، پىكىر – تەلەپلىرى ۋە تۈرلۈك ئانالىزلارغا ئاساسەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە توختىتىلىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ بارلىق سەنئەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنىڭ 14 – مارتتىن باشلاپ ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە مەمۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى مەنئىي قىلىندى، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا  بولسا رۇخسەت سورىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىشى قارارلاشتۇرۇلدى.

بۇ ئارىلىقتا، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەدە ئىلگىرى  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشىنىڭ يېقىنىدىمۇ ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئىككىگە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر