گىىرېتسىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

گىرېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايكېل كرىستوس دىئامېس تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1376716
گىىرېتسىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىرلىق باش ئەلچى دىئامېستىن، گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشى، قۇرۇقلۇق چېگراسىدىكى قىسىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، رودوس ۋە مىدىللى ئاراللىرىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىۋاتقان مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

تۈنۈگۈن بودرۇم رايونىدىكى تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان گرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.

 

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ خاۋاب قايتۇرۇشى ئالدىدا تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر