ئەردوغان: ياۋروپادا تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشلىرىدا تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

1375685
ئەردوغان: ياۋروپادا تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېس مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىريۇسسېلدىكى زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىش يولىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ چېگرا ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشى بىلەن گىرېتسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە يول خەرىتىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدىغان ھەيئەتكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى جوسېف بورېلنىڭ باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، 26 – مارتتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىغىچە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى، يىغىنغا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسوننىڭمۇ ئىشىتراك قىلىشىنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر