ئىككى تېررورچى تۈركىيە ساقچىلىرىغا تەسلىم بولدى
بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK/ YPGغا ئەزا 2 تېررورچى شانلىئۇرفا سۇرۇچتىكى چېگرا ساقچى پونكىتىغا تەسلىم بولدى.
1374139
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK دىن قېچىشلارنىڭ داۋاملىشۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، سۈرىيەدىكى پاناھجايلىرىدىن قېچىپ چىققان، تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK/ YPGغا ئەزا 2 تېرورچىنىڭ شانلىئۇرفا سۇرۇچتىكى چېگرا ساقچى پونكىتىغا تەسلىم بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.