قالىن جۇمھۇر رەئس ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى موسكۋا زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ روسىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، «(موسكۋاغا سۈرىيە) ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈمىدى بىلەن كېتىپ بارىمىز»

1372100
قالىن جۇمھۇر رەئس ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى موسكۋا زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ، ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى رۇسىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈمىدى بىلەن كېتىپ بارىمىز. موسكۋادىكى ئاساسلىق رامكىمىز رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن (2018) يىلى ئىمزالانغان ئىدلىب كېلىشىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنىشىدۇر» دېدى.

كىرېمىل مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خەۋپسىزلىك يىغىنى چاقىرىپ ئىدلىب مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «رۇسىيە – تۈركىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ موسكۋا زىيارىتىغا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر