ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1370555
ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى كىرىزىس ۋە كۆچمەنلەر  مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كۆچمەنلەر ئۈچۈن ھەققانىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە بۇ ھەقتە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر