چاۋۇشئوغلۇ پېدېرسېن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر ئو.پېدېرسېن بىلەن كۆرۈشتى.

1371208
چاۋۇشئوغلۇ پېدېرسېن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى پېدېرسېن بىلەن قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان <باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى> مىز توغرىسىدا مەلۇمات ئورتاقلاشتۇق» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يېنس ستولتېنبېرگ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى رەھبەر يەنە ئىدلىب ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەن.

چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھائاۋىستو ۋە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارانچا گونزالېز لايا بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لايانىڭ ئىدلىب ۋەزىيىتى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر