چاۋۇشئوغلۇ «باھار قالقىنى» ئارقىلىق خائىن قوللارنى سۇندۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تۈركىيە بايرىقىغا سوزۇلغان بارلىق خائىن قوللارنى سۇندۇرۇپ تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1369666
چاۋۇشئوغلۇ «باھار قالقىنى» ئارقىلىق خائىن قوللارنى سۇندۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردا 27-فېۋرال (2020) سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن باشلانغان «باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى، تىنچلىق بۇلىقى ۋە ئەمدىلىكتە باشلانغان باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن بايرىقىمىزغا سوزۇلغان بارلىق خائىن قوللارنى سۇندۇرۇپ تاشلايمىز. ئاللاھ ئاي يۇلتۇزنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن پېداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلىرىمىزنى قوغدىغاي» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر