پ ك ك نىڭ كەركۈك مەسئۇلى بىر تەرەپ قىلىندى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/KCK نىڭ ئاتالمىش ماھمۇر – كەركۈك ئۆلكىلىك مەسئۇلى يەھيا دۇمان ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىر تەرەپ قىلىندى.
1366073
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان، 1993 – ييلى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان، سىئىرت ۋە شىرناقنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان، 2016 – يىلى ماردىن /دارگەچىت دىبەكلى ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان «سابرى تورى» تەخەللۇسلۇق يەھيا دۇمان، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىر تەرەپ قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇ، پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى ئاتالمىش ئالاھىدە قىسىملىرى مەكتەپلىرىدە تېررورچىلارغا ئاتالمىش ئىدېئولوگىيەلىك ۋە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بەرگەن، 2019 – يىلدىن بۇيان پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ماھمۇر – كەركۈك ئۆلكىلىك مەسئۇلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.