تۈركىيە چېركاۋغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بۇركىنا فاسودىكى بىر پىروتېستانت چېركاۋىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1361552
تۈركىيە چېركاۋغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇركىنا فاسونىڭ ياغا شەھىرىدە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى  كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، «بۇ تېررورلۇق قىلمىشىنى ئەيىبلەيمىز. قېرىنداش بۇركىنا فاسو خەلقى، ھۆكۈمىتى، شۇنداقلا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر يەكشەنبە كۈنى ياغا رايونىغا قاراشلىق پانسى يېزىسىدىكى چېركاۋغا ھۇجۇم قىلىپ، 24 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 18 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر