ئەردوغان «دۇنيا رادىيو كۈنى» نى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «13 – فېۋرال دۇنيا رادىيو كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
1359396
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئۆيلەردە، ئىش ئورۇنلىرىدا، يوللاردا ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا ھەر كۈنى مىليونلارچە كىشىگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان رادىيو خادىملىرمىزنىڭ <13 – فېۋرال رادىيو كۈنى> نى تەبرىكلەيمەن، ئۇلارغا خىزمەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»