تۈركىيە خىتايغا  تېببىي بۇيۇملار ياردەم قىلدى

تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا  تېببىي بۇيۇملار ياردەم قىلدى.

1358662
تۈركىيە خىتايغا  تېببىي بۇيۇملار ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسلىھەتچىلىك ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل  ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ  ئايرودۇرۇمىغا، 102 توننا يۈك توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە « Boeing 777 F » تىپلىق يۈك ئايروپىلانى ئارقىلىق دورا،  تېببىي نەپەسلىنىش ماسكىسى، بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان پەلەي،  دېزىنفىكسىيە شېشىسى قاتارلىق  تېببىي بۇيۇملار يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ گۇاڭجۇ  ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغان يۈك ئايروپىلانىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى مەسئۇللىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ گۇاڭجۇ  باش كونسۇلى مەھمەت قۇرتۇلۇش ئايكان قارشى ئالغان.

بايانتتا تەكىتلىنىشىچە، « Turkish Cargo » ناملىق يۈك ئايروپىلانى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىنىشقا باشلانغان 1 – فېۋرالدىن بۇيان كۆپىنچىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ۋە  تېببىي بۇيۇملاردىن تەشكىل تاپقان تونلارچە يۈكنى خىتايغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

126 دۆلەتكە يۈك توشۇۋاتقان « Turkish Cargo» يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي پەيتلەردە، تەبىئىي ئاپەتلەردە ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردا داۋاملىق مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئۆز جايىغا يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر