ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 51 ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 51 ئەسكىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1357717
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئالدىنقى كۈنى 5 تۈرك ئەسكىرىنىڭ شېھىت قىلىنىشىدىن كېيىن رايوندا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، «ئىدلىبتا (بەششار ئەسەد) ھاكىمىيىتىنىڭ 51 ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىندى، 2 تانكا، 1 ئايروپىلان ئاتار ئورنى ۋە 1 ئوق – دورا ئىسكىلاتى پاچاقلاپ تاشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
دۈشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمغا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.