ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1356934
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن سوئورونباي جېئېنبېكوۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.