تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مۇلازىمەتنى توختاتتى
كورونا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىنغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 3- فېۋرالدىن 7 - فېۋرالغىچە مۇلازىمەتنى توختاتتى.
1351620
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەقتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىنغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە، تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ 3 – فېۋرالدىن 7 – فېۋرالغىچە دەرۋازا تاقايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ بىر ھەپتلىك مەزگىلدە، 7 كۈن، 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىۋاتقان تۈركىيە كونسۇلخانىلىرى باشقارمىسىنىڭ ئالاقە نۇمىرى «2929292-312-90+» غا تېلفون قىلسا بولىدىغانلىقى ياكى بېيجىڭ ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنتېرنت تورى ۋەياكى نۆۋەتچى تېلېفون بىلەن ئالاقە ئورناتسا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.