ئەرەن: گېرمانىيەدە ئائىلىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن گېرمانىيەدە ئائىلىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا 2020 – يىلى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1351315
ئەرەن: گېرمانىيەدە ئائىلىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە دۈسۋېلدورف شەھىرىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئەرەن،  تۈركىيەنىڭ دۈسسېلدورف باش كونسۇلخانىسى ئائىلە ئىشلىرى باشقارمىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئائىلە پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەقسىتىدە گېرمانىيە ياشلار بىرلەشمىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش قىلمىشلىرىغا قارشى  كۈرەش، ياشانغانلار ساناتورېيەلىرىدە چوڭلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن شەكىلدە كۈتۈلۈشى، بالىلارنىڭ ئالاھىدە مائارىپ خىزمىتىگە ئىگە مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئائىلىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا 2020 – يىلى  ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ياۋروپادا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادقا يەتكەن تۈركلەرنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ناھايىتى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلەرمۇ بار، ئائىلە مەسىلىسى توغرۇلۇق خىزمەت ئىشلەۋاتقان تۈرك مۇتەخەسسىسلەر، پېداگوگلار، پىسخولوگلار ۋە ئادۋۇكاتلارمۇ بار، شۇڭا بۇ ھەقتە كۈچلۈك بىر مىخانىزم ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. تۈركىيە بىلەن مىللىي كىملىكى ۋە رىشتىسىنى يوقىتىپ قويمىغان كۈچلۈك بىر دىئاسپورانىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئورگىنىمىز 2020 – يىلى تۈركىيەدە چەت ئەللەردىكى تۈركلەرنى كەڭ دائىرىلىك ئۇچراشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەشنى پىلانلىماقتا. دەرۋەقە، دىئاسپورا مەسىلىسىنى تۈركىيەدە ماكرو ئىستىراتېگىيەگە ئايلاندۇرۇپ، بارلىق ئورۇنلار ئورتاقلىشالايدىغان ھەرىكەت پىلانى تۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر