دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بەشتەپە سارىيىدا چاقىرىلدى.

1350834
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان  باياننامىدە ئەسكەرتىلىشىچە، يىغىندا، ئىدلىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا تېررورىزمغا قارشى قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. مىللىي بىخەتەرلىك جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىچكى تاشقى مەسىلىلەر، 2019 – يىللىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن تەجرىبە - ساۋاقلارنى  يەكۈنلەپ، 2020 – يىلى ئوتتۇرىغا چىققۇسى ئۆزگىرىشلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۈركىيەنىڭ مىللىي بىرلىكى ۋە باراۋەرلىكى ھەم مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان پ ك ك/ك ج ك/پ ي د/ي پ گ، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىغىندا، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىنى، چېگرا سىرتىدىكى دوست ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، رايوندا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىشقا ھەسسە قوشۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن  سەزگۈر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

لىۋىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، دۆلەت مىقياسىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشى يولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتىنى ئىزىل قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىگەن باياننامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بارلىق دۆلەتلەر ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىلىشى يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ئىزچىل قوللىشى لازىم. تۈركىيە ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىدىن سىرت يەنە، لىۋىيە خەلقى بىلەن بولغان 500 يىللىق تارىخىي دوستلۇقىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بۇ دۆلەتتە تىنچلىق ھەم مۇقىملىق ئورنىتىلىشى يولىدا ھەر جەھەتتىن زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشكە قارىتا ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياننامىدە، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن تەرەپلەر سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا تەكرار چاقىرىق قىلىنغان، ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىككى ئاكتىيور ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىنغان.

سومالىدا يۈز بەرگەن ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى لەنەتلەنگەن باياننامىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سومالى خەلقىنىڭ ھەمىشە يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى، دۆلەتتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز.»

باياننامىدە، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يىغىندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان پىلانى، پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى ئىشغال قىلىش، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىم ئىشلىتىش سىياسەتلىرىنى  قانۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغان <ئىشغال پىلانى> ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە ئاساسەن پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان ئىگىلىك ھوقۇققا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىگە مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندىلا ئاندىن مەسىلىىنى ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.»

يىغىندا، ئەلازىغ ۋە مالاتيادا 2010 – يىلى 24 – يانۋار كۈنى مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئېلىنغان تەدبىرلەر ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ھەققىدە دوكلات سۇنۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياننامىدە، يىغىندا، تۈركىيەنىڭ بۇ دائىرىدە تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر