ئەردوغان گامبىيەگە يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالجىرىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن « TUR» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە گامبىيەگە يۈرۈپ كەتتى.

1348147
ئەردوغان گامبىيەگە يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغاننى ئالجىرىيە خۇئارى بۇمەديېن ئايرودۇرۇمىدىن ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن، ئالجىرىيە مەدەنىيەت مىنىسترى مەلىكە بەندۇدە، ئالجىرىيە رەسمىيەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بېلكاجېم لارىبى ۋە تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيە باش ئەلچىسى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش قاتارلىقلار ئۇزىتىپ قويدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارمۇ گامىيەگە يۈرۈپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر