تۈركىيە چەت ئەللىك تېررورچىلارنى يولغا سېلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

1343060
تۈركىيە چەت ئەللىك تېررورچىلارنى يولغا سېلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋزى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن گېرمانىيە پۇقراسى بىر تېررورچى فرانكفۇرت ئايرودۇرۇمىغا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى؛ گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 29 ياشلىق بىر ئايال تېررورچى بىلەن ئۈچ پەرزەنتى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ تۈنۈگۈن كېچە فرانكفۇرت ئايرودۇرۇمىغا قونۇشىدىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئايال تېررورچى، كوبلېنز باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەرلەردە، گېرمانىيەدىكى ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ، مەزكۇر ئايالنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۇتقۇن قىلىنغان ئايالنىڭ بىر ئوغلى بىلەن ئىككى قىزى ياشلار مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

مەزكۇر تېررورچىنى قوشقاندا 2019 – يىلى 11 – نويابىردىن بۇيان تۈركىيەدىن دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىۋېتىلگەن چەت ئەللىك تېررورچى سانى 179 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر