تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىراق بىلەن ئىرانغا قايتىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنى باشلىدى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىران بىلەن ئىراققا ئالدىنقى كۈنى ۋاقىتلىق توختاتقان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى تۈنۈگۈن (9-يانۋار) كەچتە قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئىران ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش سەۋەبىدىن، تۈنۈگۈن كەچتە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21 گىچە، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئىران بىلەن ئىراققا قارىتا توختاتقان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈش توغرۇلۇق قارار چىقارغانىدى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىرانغا تۇنجى ئايروپىلان سەپىرى تۈنۈگۈن كەچتە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇشقا باشلىغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
«تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن يولغا چىقىدۇ
«تۈركىيە-قاتار غەززە ئۈچۈن ياخشىلىق پاراخوتى» بۈگۈن تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايىتىدىن يولغا چىقىدۇ.