ئەردوغان: «تۈركىيەنى ئاق دېڭىزدىن سىقىپ چىقىرىش پىلانىنى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلدۇق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى ئاق دېڭىزدىن سىقىپ چىقىرىش ئۇيونلىرىنى بۇ قېتىمقى تاشلىغان قەدەملىرى ئارقىلىق بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

1332446
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ئاق دېڭىزدىن سىقىپ چىقىرىش پىلانىنى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى يىل تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، نويابىر ئېيىدا ئىمزالانغان ۋە تۈركىيەنى لىۋىيە بىلەن دېڭىز قوشنىسىغا ئايلاندۇرىدىغان كېلىشىم ئۈستىدە توختىلىپ، لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلىش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمنىڭ بارلىق جەھەتلەردىن تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان: «تۈركىيەنى ئاق دېڭىزدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىش پىلانىنى بۇ قېتىم تاشلىغان قەدەملىرىمىز ئارقىلىق تەل تۆكۈس بىتچىت قىلدۇق» دېدى.

دېكابىر ئېيىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمبەھىرلىشىلگەن 100 مىڭ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى لايىھەسىنىڭ 81 ۋىلايەتتە زور قىزىقىش ۋە تەلەپ بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «خەلقىمىزنىڭ تۇرالغۇ تەلىپى داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرالغۇ سەپەرۋەرلىكىمىزنى ھەر يىلى 100 مىڭغا چىقىرىپ داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇ لايىھەنى خەلقنىڭ قۇچاقلىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا غەلىبىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان ئاق دېڭىزنى مارمارا دېڭىزىغا تۇتۇشتۇرىدىغان، ئىستىراتېگىيە ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن تۈركىيەگە زور تۆھپىسى بولىدىغان قانال ئىستانبۇل لايىھەسى ھەققىدە، «ئىنشائاللاھ قەدەممۇ - قەدەم ئىلگىرىلىتىمىز ۋە چوقۇم ئۇتۇققا ئېرىشتۇرىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر