تەلئەبيادتا يارىلانغان ئەسكەر شېھىت بولدى
سۈرىيەنىڭ تەلئەبياد ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا يارىلانغان بىر ئەسكەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى.
1332707
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەر 29 – دېكابىردا تەلئەبيادتا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا يارىلانغاندىن كېيىن شانلىئۇرفادىكى بىر دوختۇرخانىدا بالىنىستقا ئېلىنغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان.