ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى ئۈچۈن زاكاس كېلىشكە باشلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى ئۈچۈن زاكاس كېلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە ئىلىم - پەن ۋە تەتقىقات ئىدارىسى «TÜBİTAK» ۋە تۈركىيە ئىلىم – پەن ئاكادېمىيەسى «TÜBA» نىڭ مۇكاتلاش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەردوغان نۇتۇقىدا، «بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى تېخنىكىنىڭ پەقەتلا بازىرى بولۇپ قالماستىن، بۇ تېخنىكىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىدىغان ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن ئۆلچەملەرنى قوبۇل قىلدۇرىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. مىللىتىمىز تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىلىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىگە چىقتى. زاكاسلار كېلىشكە باشلىدى. بۇ لايىھە دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىشتىنمۇ ھالقىغان بىر نىشانغا ئىگە» دېدى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 2020 – يىلىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۆلەيدىغان 80 مىليون ياۋرو ھەسسە بەدىلىنى تۈركىيەدىكى تەتقىقاتچىلارغا ئىشىلىتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.