«قىران – 11» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
دىيارباقىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە «قىران – 11 ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.
1327254
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قىشلىق ئۇۋىسىغا كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ياشلارنى نىشان قىلىۋاتقان زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش، تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ۋە تېررورچىلارنىڭ پۇل – مۇئامىلە مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا، دىيارباقىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە «قىران – 11 دىيارباقىر – لىجە رايونلۇق زەھەر ئەتكەسچىلىكى – تېررورىزمغا ئەجەللىك زەربە بېرىش» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە 1260 ھەربىي خادىم بىلەن 80 ئالاھىدە قىسىم قاتناشقان.