ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھىنىڭ زىياپىتىگە قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ رىئايەتۇددىن مۇستافا بىللاھ شاھ تەرىپىدىن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۇالالۇمپۇر باشلىقلار يىغىنى مېھمانلىرىنىڭ شەرىپىگە بەرگەن چۈشلۈك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى.

1326007
ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھىنىڭ زىياپىتىگە قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىن ئېچىلغان كۇالالۇمپۇر قۇرۇلتاي مەركىزىدە بېرىلگەن زىياپەت يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلدى. زىياپەتكە ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان زىياپەتتىن ئىلگىرى مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد بىلەن كۇالالۇمپۇر باشلىقلار يىغىنىنىڭ فوتو – سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر