ئەردوغان مالايشىيادا زىيارەتتە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۇالا لۇمپۇر باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇالا لۇمپۇرغا يېتىپ باردى.

1325544
ئەردوغان مالايشىيادا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مالايشىيادا بىرىنچى بولۇپ باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەدنى پۇتراجايادىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بىناسىدا قوبۇل قىلدى؛ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

پەن -  تېخنىكا ساھەسىدىكى تۈركىيە – مالايشىيا ھۆكۈمەتلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بىلەن مالايشىيا ئېنېرگىيە، پەن -  تېخنىكا، مۇھىت ۋە كىلمات ئۆزگىرىش ئىشلىرى مىنىستىرى يېئو بې يىن ئىمزالىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە - مالايشىيا مۇداپىئە ۋە تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ئارىسىدا 14 ياخشى نىيەت كېلىشىمى ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر