ئەردوغان شىۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا مۇساپىرلار مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۇنيا مۇساپىرلار مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن 16-، 17 – دېكابىر كۈنلىرى جەنۋەگە بارىدۇ؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كوستارىكا، پاكىستان، ئېفىيوپىيە ۋە گېرمانىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
يىغىنغا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، خۇسۇسىي ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار، شۇنداقلا مۇساپىرلارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىندا، قوللىغۇچى تەرەپلەرنىڭ مۇساپىرلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قىلىدىغان ياردەملىرىنى ئېلان قىلىشلىرى كۈتۈلمەكتە. تۈركىيە مەزكۇر يىغىندا، ۋاقىتلىق مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىكلەرگە قىلغان ئۈلگىلىك خىزمەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزىدۇ.
ئەردوغان يىغىن جەريانىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلماقتا
تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئومۇمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى 52 مىڭ توننىدىن ئاشتى.