ئىبراھىم قالىن ئامېرىكىدا ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختالدى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تۈركىيەگە، رۇسىيەدىن س-400 سېتىۋالغانلىقى ۋە سۈرىيەدە تاشلىغان قەدەملىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ جازا يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئىبراھىم قالىن، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پالاتاسىدىكى قەدەملەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭ بىزنىڭ س-400 سېتىۋېلىشىمىزغا، ئىشلىتىشىمىزگە قارىتا بىر تەسىرى بولمايدۇ. يەنى بۇ لايىھە دۆلەت مەجلىسىدىن ئۆتسىمۇ، ئۆتمىسىمۇ، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، س-400 گە ئالاقىدار مۇساپە داۋاملىشىدۇ» دېدى.
ئۇ، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى F-35 مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «بۇ مەسىلە، ئەپسۇسكى، نۆۋەتتە تېخنىكىلىق ياكى مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ، پۈتۈنلەي ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىنىڭ بىر مەسىلىسگە ئايلىنىپ قالدى» دېدى.
ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ س-400 لەرنى ئىشلىتىشتە، F-35 لەر ياكى ناتو خەۋپسىزلىك سىستېمىسى، F-16 لار ۋەياكى باشقا ئايروپىلان سىستېمىلىرىدا خەۋپ پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى.
خاقان فىدان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل تانى بىلەن كۆرۈشتى.