تۈركىيە گىرېتسىيە باش مىنىستىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى خىيالپەرەس ئىدىئولوگىيەلىرىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، دوستلۇق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپىلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

1319450
تۈركىيە گىرېتسىيە باش مىنىستىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ تەشۋىقات خاراكتېرلىك سۆزلىرىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما ھالەتتە قايتۇرغان جاۋابىدا، مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيەگە قارىتا قىلغان دۈشمەنلەرچە سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ <خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يىغىنى> دېگەن نام ئاستىدا 2019 – يىلى 6 – دېكابىردىن 8 – دېكابىرغىچە ئاتىنادا ئېچىلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تارىخىمىزغا ۋە بۈگۈنگە قارىتا قىلغان ئاساسسىز، يالغان شۇنداقلا تۆھمەتكە تولۇپ كەتكەن دۈشمەنلەرچە دەۋالىرىنى رەت قىلىمىز» دېدى.

گىرىك رەھبەرلىرىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا ئەگە دېڭىزىغا تۆكۈلگەنلىكىنى ئۇنۇتالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاقسوي، «گىرىتسىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى تارىخى بىلەن يۈزلىشىشنى خالىسا، ئالدى بىلەن گىرىك ئارمىيەسىنىڭ ئانادولۇنى ئىشغال قىلىش ئەسناسىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتى بىلەن تۈركلەرگە يۈرگۈزگەن قەتلئام ۋە زۇلۇملىرى ئۈچۈن گىرېتسىيەنى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان لوزان خىتابنامىسى ھۆكۈملىرىگە قاراپ چىقىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، خىيالپەرەس ئىدېئولوگىيەلەرنى قويۇپ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە مەركەزلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، «گىرىتسىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى ئىشغالچى گىرىتسىيە قوشۇنلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققان ئۇلۇغ داھى ئاتاتۈركنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ۋېنىزېلوسنىڭ يولىدىن مېڭىپ، خىيالپەرەس ئىدىئولوگىيەلىرىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، دوستلۇق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپىلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر