ئەردوغان پىرېزىدېنتلارغا كىتاب ھەدىيە قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا چاقىرىلغان سۈرىيە تېمىلىق تۆت تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەت ئەربابلىرىغا «ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقنىڭ كۈچلۈك ئەزاسى تۈركىيە» ناملىق كىتابنى ھەدىيە قىلدى.

1317215
ئەردوغان پىرېزىدېنتلارغا كىتاب ھەدىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۈركچە، ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە ۋە گېرمانچە تەييارلانغان كىتابنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا بەردى؛ كىتاب، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئەزاسى تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا قوشقان تۆھپىلىرى ۋە ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ناتوغا بولغان قارىشى مۇھاكىمە قىلىنغان كىتابنىڭ بىر بابى، تۈركىيەنىڭ ناتودىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلىدۇ. بۇ بابتا، تېررورىزم قارشى ئورتاق كۈرەشكە ۋە تۈركىيەنىڭ مۇداپىئەسىگە ناتونىڭ ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى؛ تۈركىيەنىڭ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە ھەسسە قوشۇشىنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارمۇ مەزكۇر بابتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقنىڭ كۈچلۈك ئەزاسى تۈركىيە» ناملىق كىتابتىن سىرت، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇنىڭدىن بۇرۇن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» ۋە «سۈرىيەدە يېڭى تۇرمۇش» ناملىق كىتابلارمۇ باشلىقلار يىغىنىدا ۋە ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە تەقدىم قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» ناملىق كىتابنى ئۆتكەن ئاي ئىشقا ئاشۇرغان ئامېرىكا زىيارىتىدە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە ھەيئىتىگە تەقدىم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر