پۇتىن 8-يانۋار تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2020-يىلى 8-يانۋار تۈركىيەگە كېلىدۇ.
1316154
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تۈركىيەنى 2020-يىلى 8-يانۋار زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پېسكوۋ باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.