چاۋۇشئوغلۇ كاكاژ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېنت كاكاژ بىلەن كۆرۈشتى.

1313362
چاۋۇشئوغلۇ كاكاژ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالبانىيەلىك مەنسەپدېشى كاكاژ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن، بىراق تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئالبانىيەدە تۈنۈگۈن 6.3 بال يەر تەۋرەپ 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئالبانىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەنىدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكا، يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئالبانىيەنىڭ دىراچ شەھىرىدىكى يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا تاماق ۋە يوتقان – كۆرپە ياردىمى قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر