ئەردوغان قاتارنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (25-نويابىر) تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە، قاتارغا بارىدۇ.

1311710
ئەردوغان قاتارنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە، قاتارغا بارىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن خامېد ئالسانى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئالسانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كومىتېت يىغىنىغا، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىر ۋە مەسئۇل كىشىلەر قاتنىشىدىكەن.

يىغىن دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرى ھەر تۈرلۈك نۇقتىلار بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن ۋە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى بارلىق ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە-قاتار بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىشى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر