دۆلىتىمىزنى سۇيىقەستلىك ئويۇننىڭ تۇزىقىدىن قوغداپ قالدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سان - ساناقسىز كۈچلەرگە قارشى  كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىك ئويۇنىنىڭ تۇزىقىدىن قوغداپ قالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1311044
دۆلىتىمىزنى سۇيىقەستلىك ئويۇننىڭ تۇزىقىدىن قوغداپ قالدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەردوغان: ئەردوغان ئىزمىرنىڭ كىراز ناھىيەسى تەرىپىدىن 9 – سېنتەبىر ئۇنىۋېرسىتېتى مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتىدا بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغاندا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقىمۇئارقا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ سەۋەبى، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش يولىدىكى ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ياخشى بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر. تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىگە، بىخەتەرلىكىگە ۋە تىنچ - ئامانلىقىغا زەربە بېرىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلەر، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى بۇزالمىغانلار، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىزنى ۋەيران قىلالمىغانلار ھەمىشە يېڭى سۇيىقەستلىك پىلانلارنىڭ كۇيىدا بولۇۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەزىز خەلقىمىز بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ھەم قېرىنداشلىق ئاساسىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزگە قۇرۇلغان سۇيىقەستلىق تۇزاقلارنى بىتچىت قىلىپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە دۇچ كەلگەن قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتەلىدى، ئەمما ئاز ساندىكىلەردىن باشقا ئەللەر بۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتەلمىدى. ئەمما بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھۇجۇملارغا قارشى ھەر ساھەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمىزنى غەلىبە بىلەن تاماملىدۇق، شۇنىڭ بىلەن، بىزنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ تىز پۈكۈرەلمەيدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدۇق. تاشقى كۈچلەر سۈرىيەنىڭ شمالىدا <تېررورلۇق دۆلىتى> قۇرماقچى بولدى، ئەمما بىز ئۇلارغا پۇرسەت بەرمىدۇق، ئۆزىمىزنىڭ قورال – ياراغلىرىمىزغا، ئۆزىمىزنىڭ مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىزغا تايىنىپ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھۇجۇملار، خىرىسلار ۋە سۇيىقەستلىك ئويۇنلارغا قارىماي ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىز ۋەيران بولغىنى يوق. قىسقىسى، بىزنى تىز پۈكتۈرمەكچى بولغانلار قولىدىن كېلىشىچە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىدى. لېكىن ئۇلار مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي،  دۆلىتىمىزدە ئىچكى قالايمىقانچىلىىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇندى، بۇنىڭغا يول قويمىدۇق. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ،   بىزنى ۋەيران قىلماقچى بولدى، بۇنىڭغىمۇ يول قويمىدۇق. دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئۇنسۇرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇندى، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ بۇ پىلانىنىمۇ بىتچىت قىلدۇق. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، دۆلىتىمىزنى جەنۇبتىن قورشىماققچى بولدى، بۇ سۇيىقەستلىك ئويۇننىمۇ تارمار قىلدۇق. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىزنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن،  پېرېۋوت نىسبىتى، ئۆسۈم، پۇل پاخاللىقى ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇش ئارقىلىق سۇيىقەستلىك پىلان تۈزدى، بىز كچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ پىللاننىمۇ تارمار قىلدۇق. خەلقئارا ساھەدە تۈركىيەنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىش ئۈچۈن مىڭبىر تۈرلۈك يالغان – ياۋىداقلارنى، بوھتانلارنى ۋە پىتنە – ئىغۋالارنى توقۇپ چىقتى، ئەمما بىز ھەربىر مۇنبەردە ھەقىقەتلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى پاش قىلدۇق، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا تاقابىل تۇردۇق. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، سان – ساناقسىز كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىمىز ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى  ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىك ئويۇنىنىڭ تۇزىقىدىن قوغداپ قالدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر