چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيە ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىكى شەرتلەرنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1308799
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «ھازىرغىچە كېلىشىمدىكى شەرتنى ئورۇنلىدىمۇ؟  ياق ئورۇنلىمىدى. ئورۇنلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن تازىلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «نەتىجە ئالالمىساق، خۇددىي ئامېرىكا بىلەن سىناق قىلغاندىن كېيىن ھەرىكەتنى باشلىغىنىمىزغا ئوخشاش، يەنە تېگىشلىك ئىشنى قىلىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سىقىشىپ قالغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز تەييارلىغان دوكلات بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىشىم ئىمزالاندى ياكى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىندى. نەتىجىدە بىز ئىككى دۆلەت بىلەن بەش كۈن ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. ئۇنداقتا، ھازىرغىچە كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىنى پۈتۈنلەي ئورۇنلىدىمۇ؟ ياق ئورۇنلىمىدى، ئورۇنلىنىشى لازىم. بىز كېلىشىم بويىچە ۋەزىپىمىزنى ئورۇنلىدۇق، كېلىشىمگە خىلاپلىق كۆرۈلگەندە كېرەكلىك جاۋابىنى بەردۇق.  ئەمما، نەتىجە ئالالمىساق خۇددىي ئامېرىكا بىلەن سىنىغاندىن كېيىن ھەرىكەتنى باشلىغىنىمىزغا ئوخشاش، تېگىشلىك ئىشنى قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز بېشىمىزدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنى چوقۇم ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئەبۇبەكىر ئەل باغدادى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى بولغان ئىتھاۋى ئىسىملىك كىشىنى تۇتۇپ ئىراققا قايتۇرۇپ بەردۇق. باغدادىنىڭ ئورنىنى ئۇ دەپ بەردى.»

ئۇ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەمدى ئىشنىڭ بېشىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنداق قىلمىغان بولسا ئىدى، قولىدىكى نەتىجىلەرنى تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھوقۇق دائىرىسىنىڭ بەلگىلىنىشى مەسىلىسىدە، شەرقىي ئاقدېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بولماي تۇرۇپ بېسىلغان ھەر قانداق قەدەم كۈچكە ئىگە ئەمەس. ھازىر بىز ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغىنى، ب د ت دا رويخەتكە ئالدۇرغان دېڭىز تەۋەلىكىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر