6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، شىرناقنىڭ تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 6 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1303503
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى بىلەن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ، شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 6 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.