«تۈركىيە بالقان رايونىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ بالقان رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن بېرىۋاتقان ياردىمىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1302936
«تۈركىيە بالقان رايونىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ»
çavuşoğlu dendias.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە «دۇنيا سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» غەربىي بالقان رايونى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ يىغىندىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، تۈركىيەنىڭ بالقان رايونى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بالقان رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن بېرىۋاتقان ياردىمىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»

ۇ، جەنۋەدە گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – گىرېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

 

ئ



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر