تۈركىيە سۈرىيەدە بىخەتەر ئۇچۇر - ئالاقە مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

« ھەربىي ھەرىكىتى» دىن كېيىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك دىن تازىلانغان رايونلاردا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىشكە باشلاندى.

1302119
تۈركىيە سۈرىيەدە بىخەتەر ئۇچۇر - ئالاقە مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، دوختۇرخانا، ناۋايخانا ۋە پوچتىخانا قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن سىرت يەنە، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون تورى مۇلازىمىتىنىمۇ مەركىزى گازىئانتەپتىكى يەرلىك بىر شىركەت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇ ھەم سۈرىيەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى قىيىنچىلىقتىن خالىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىدا، ھەمدە بۇ سايىدا ئېرىشىلگەن مۇھىم ئۇچۇرلار نەتىجىسىدە تېررورچىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر