ئەردوغان: باغدادىنىڭ ئايالى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كاتتىبېشى ئەبۇبەكرى باغدادىنىڭ ئايالىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1301447
ئەردوغان: باغدادىنىڭ ئايالى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە يىغىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەنقەرە  ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا باغدادىنىڭ ئۆزىنى تۇنېلدا ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز باغدادىنىڭ ئايالىنى قولغا چۈشۈردۇق، لېكىن بىز داۋراڭ سالمىدۇق؛ بۇ خەۋەرنى تۇنجى قېتىم بۈگۈن ئاشكارىلاۋاتىمەن. باغدادىنىڭ قىز قېرىندىشى ۋە يېزنىسىنى سۈرىيە تەرەپتە قولغا چۈشۈردۇق. بىز بۇ نۇقتىدا پائالىيەتلىرىمىزنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.  باغدادى ئۆزىنڭ ئازغۇن داۋاسى ئۈچۈن ۋەھشىيلەرچە مەسۇم كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكىدىغان قانخور ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلار ھەرگىزمۇ تېررورچى ئەمەستۇر. قىلچە نومۇس قىلماستىن <ئىسلامىي تېررورىزم> ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىۋاتقان غەرب ئالدى بىلەن ئەينەككە قارىشى لازىم. ئەي غەرب! ئەگەر سىلەر تېررورچى ئىزدەيمەز دېسەڭلار، بىكار ئاۋارە بولماڭلار، چۈنكى تېررورچىلار ئاراڭلاردا بار. ئىسلامنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلىساڭلار، ھەقىقىي ئىسلام دۈشمەنلىرىنى كۆرىسىلەر، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلمەكچى بولساڭلار، كاتتىبېشىنىڭ قەيەردىلىكىگە، كىملەرنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىگە قارىساڭلار بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر