«كۆزىمىزدە ياش قالمىدى»

تاغقا ئېلىپ قېچىلغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى ۋىلايەتلىك شۆبە بىناسى ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى باشلىغان دىيارباكىرلىق ئانىلار 2 ئايدىن بۇيان  پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

1299772
«كۆزىمىزدە ياش قالمىدى»

دىيارباكىردا ھاجىرە ئاكار ئانا ئوغلى مەھمەت ئاكارنىڭ تاغقا ئېلىپ قېچىلىشىدا خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى (HDP) نىڭ ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە بىناسى ئالدىدا 22 – ئاۋغۇستتا ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى باشلىغانىدى.

ئوغلىنى تېررورنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن باشلىغان ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان ھاجىرە ئاكار ئانا، قەتئىي ئىرادىسى نەتىجىسىدە 24 – ئاۋغۇستتا ئوغلى بىلەن دىدارلاشقانىدى. ھاجىرە ئانىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن قىلغان كۈرىشى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازابلارنى باشتىن كەچۈرگەن، قەلبى پەرزەنت ھەسرىتىدە پۇچۇلانغان باشقا ئانىلارغا ئۈلگە بولغانىدى.

ئائىلە سانى 55 كە يەتتى

ھاجىرە ئاكار ئانىنىڭ كۈرىشىنى ئۈلگە قىلغان فەۋزىيە چەتىنكايا، رەمزىيە ئاققويۇن ۋە ئايشەگۈل بىچەرنىڭ 3 – سېنتەبىردە باشلىغان ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە قېتىلغان ئائىلىلەرنىڭ سانى 55 كە يەتتى.

پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە بىناسى ئالدىدا كۈن بويى پەرزەنتلىرى بىلەن دىدارلىشىشنى كۈتۈۋاتقان ئانىلارنىڭ ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە خەلق قوللاش زىيارەتلىرى ئارقىلىق ئىلھام بەرمەكتە.

باشتا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى زەھرا زۈمرۈت سەلچۇق قاتارلىقلار باشتا بولۇپ، شېھىت ئانىلىرى، سىياسەتچىلەر، سەنئەتچىلەر، ژۇرنالىستلار، يازغۇچىلار، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئائىلەرنى يوقلاپ، ئازابلىرىغا ئورتاقلاشتى، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

پەرزەنتلىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئانىلار، سېغىنىش ھەسرىتىنى تارتىۋاتقان پەرزەنتلىرى بىلەن دىدارلىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.

«ھاياتىمىزنى خازان قىلىشتى»

ئىستانبۇلدىن بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن ئوغلى تاغقا ئېلىپ قېچىلغان ئوغلى مەھمەت ئۈچۈن دىيارباكىرغا كېلىپ، ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىممىخان نىلىفىركا ئانا، ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەرزەنتلىرىنىڭ ئېلىپ قېچىلىشىغا خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نىلىفىركا ئانا، «خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ بالامنى ئېلىپ قاچقانلىقىنى بىلىمەن. بالامنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشسۇن. ئۇنىڭدىن نە بىر خەۋەر، نە بىر تېلېفون كەلمىدى. ئائىلە بويىچە ئۆلۈك ھالەتتىمىز. بالىمىزنى ئېلىپ قېچىشتى، ھاياتىمىزنى خازان قىلىشتى. كۆزىمىزدە ياش قالمىدى. بالىمىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ئوغلۇم چۆمۈلىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەيتتى، مەكتىپىدە ئەلاچى ئىدى» دېدى.

نىلىفىركا ئانا، 2 ئايدىن بۇيان ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

«چىقىپ بىزگە بىر بايانات بەرسۇن. ئۇلارمۇ كورد بولسا، كېلىپ ئارىمىزدا ئولتۇرسۇن. مەن بۇنداق كوردلۇقنى خالىمايمەن. مەنمۇ كورد. بالامنى سۇيىئىستېمال قىلىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشمىسۇن. ئۇلار ئوغلۇمنىڭ ئەركىنلىكىنى، كېلەچىكىنى قولىدىن تارتىۋېلىشتى» دېگەن نىلىفېركا ئانا، تارتقان كۈلپەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ، «پائالىيىتىمىزنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«پەرزەنتلىرىمىزنى ئالماي تۇرۇپ بۇ يەردىن كەتمەيمىز»

ئىستانبۇلدىن 5 يىل بۇرۇن 14 ياش چېغىدا تاغقا ئېلىپ قېچىلغان ئوغلى تۇنجاي ئۈچۈن ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان 5 بالىنىڭ ئانىسى فاتما بىنگۆل، پەرزەنتى بىلەن دىدارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئۇنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 5 يىلدىن بۇيان ئوغلىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «پەرزەنتلىرىمىزنى ئەكىلىپ بېرىشسۇن. بۇنداق كۆپ ئانا بۇ يەردە كۈتۈپ ياتمىسۇن، ئانىلارغا ئۇۋال بولىدۇ، (بۇنداق قىلىش) گۇناھتۇر. بۇنچىلىك ئانىنى يىغلىتىشق، ئۇلارغا ئازار يەتكۈزۈشكە، ئۇلارنى ئازابقا مۇپتىلا قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. ھەممىمىز مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ بىر گەۋدىلەشتۇق، پەرزەنتلىرىمىزنى ئالماي تۇرۇپ بۇ يەردىن كەتمەيمىز. ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ مەيلى، بىز ئۆلۈمدىن قورقمايمىز» دېدى.

«پ ك ك نىڭ كوردلارغا سالغان بۇ زۇلۇمىنى كۆرسۇن»

پۇقرالىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەسكەرلىككە كېتىۋاتقاندا 2015 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە تۇنجەلىنىڭ پۈلۈمۈر ناھىيەسىدە تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغان ئوغلى مۈسلۈم ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان سونگۈل ئالتىنتاش، پەرزەنتىدىن 4 يىلدىن بۇيان خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

«60 كۈندىن بۇيان بۇ يەردە تۇرۇۋاتىمىز، 60 يىلغا سوزۇلسىمۇ بۇ يەردە تۇرىمىز. پەرزەنتلىرىمىز كەلگۈچە بۇ يەردە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سونگۈل ئالتىنتاش، پەرزەنتلىرى تاغقا ئېلىپ قېچىلغان ئاتا – ئانىلارنى ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىپ، «كورد ئانىلار ئەمدى ئويغانسۇن، پەرزەنتلىرى كۆزلىرى ئالدىدا نابۇت بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئويغىنىپ، پ ك ك نىڭ كوردلارغا سالغان بۇ زۇلۇمىنى كۆرسۇن. (بۇلار) نە ئانىغا، نە ئاتىغا، نە پەرزەنتكە ئىچ ئاغرىتمايدۇ. بۇنى ھەممە كۆرۈپ يەتسۇن. بىزنىڭ بىردىنبىر دۈشمىنىمىز پ ك ك دۇر» دېدى.

«قىزىم كەلمەي تۇرۇپ بۇ يەردىن كەتمەيمىز»

ئاغرىدىن 4 يىل ئىلگىرى 17 ياش چېغىدا تاغقا ئېلىپ قېچىلغان قىزى چىگدەم ئۈچۈن ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ياسىن قايا، پەرزەنتىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان بارلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ قار – قىش دېمەستىن پەرزەنتلىرىنى كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «بىز بايانات بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. قىزىم كەلمەي تۇرۇپ، بۇ يەردىن كەتمەيمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كورد ئىكەنلىكىنى دەۋاتىدۇ، (ئۇلار) كورد ئەمەس. ئەسلىي كورد بىز. پەرزەنتىمىزنى تاغقا ئېلىپ قاچقىنى خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى. بۇ يەرگە مەرھەمەت قىلىپ، <پ ك ك غا لەنەت، بىز پ ك ك غا قاتناشمايمىز> دەپ باقسۇن، بىز بۇ يەردىن كېتەيلى. بىز ئۇلارنى جاۋابكار دەپ قارايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر