قالىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش ۋە پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق كۈرىشىنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئامېرىكا تەرەپكە يەنە بىر قېتىم يەتكۈزدى.

1299288
قالىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىستانبۇل دولماباھچەدىكى ئىشخانسىىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى؛ رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ۋە سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش مەسىلىسى قاتارلىق نۇقتىلار مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئىرادىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش ۋە پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق كۈرىشىنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان (تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) ئىككى لايىھەگە بولغان نارازىلىقمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەر شۇنداقلا پىداكارلىق بىلەن دۆلەتلىرىگە قايتىشىغا ئالاقىدار تۈركىيەنىڭ خىزمەتلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئاشقۇنلۇقنىڭ دۇنياۋى بىرى مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر