دىيارباكىردا يەنە بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

دىيارباكىر ۋىلايىتىنىڭ لىجە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1299183
دىيارباكىردا يەنە بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ لىجە ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى بارغانلىقىنى، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەت ئەسناسىدا يەنە بىر تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شۇنداق قىلىپ تۈنۈگۈن كەچتە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنى قوشقاندا جەمئىي 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر