پاشايېۋا: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى تۈركىيەدىن ئىنتىقام ئېلىشنى نىشان قىلىدۇ

ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرە پاشايېۋا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىنىڭ تۈركىيەدىن ئىنتىقام ئېلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1298907
پاشايېۋا: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى تۈركىيەدىن ئىنتىقام ئېلىشنى نىشان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاشايېۋا، بۇ يەردە قاتناشقان بىر پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، غەرب ئەللىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  ھەققانىي كۈرىشىگە زەربە بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرىغا قارشى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغاش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى سۇيىقەستلىك ئويۇنىنى تارمار قىلدى.  ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان، ئەرمەنى دەۋالىرى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەلىرى ئەسلىدە تۈركىيەنى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. باشقا ئېيتقاندا، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىن ئىنتىقام ئېلىشنى پىلانلىماقتا. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتقان غەرب ئەللىرى تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز زۆرۈر تېپىلغاندا تۈركىيە ئۈچۈن شېھىت بولۇشقا تەييارمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر