ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى – تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى پۈتكۈل تۈركىيە مىقياسىدا جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلەنمەكتە.

1296525
ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى. ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە «ئەزىز ئاتاتۈرك، بىز بۈگۈن مىللەت سۈپىتىدە كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 96 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز. بۇ ئىپتىخارلىق كۈنىمىزدە زاتى ئالىيلىرىنى ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز، غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمىزنى سۇنىمىز. مۇستەقىللىقىمىزگە ۋە مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار كۈچىيىپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن قارشىلىق كۆرسىتىش روھى بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدا كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقتىمىز. 9 – ئۆكتەبىردە باشلاپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سۈرىيە چېگرايىمىز بويىدا قورۇلماقچى بولغان تېررور كارىدورىنى تارمار قىلىپ، ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل دۇنياغا نامايان قىلدۇق. روھىڭىز شاد بولسۇن» دەپ يازدى.

گارنىزوندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئوفېتسىر ۋە لېيتىنانت ئوفېتسىرلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدىن كېيىن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى خەلقنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئېچىۋېتىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلغان ئەردوغان، بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە كۈلتۈر مەركىزىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئالدىدىكى رەسمىي مۇراسىمدىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن ئۇلۇستىكى بىرىنچى مەجلىس بىناسىغىچە مېڭىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر