تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونى تەۋەلىكىدىكى رەسۇلەيندە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ھەرخىل تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 5 ئەسكەر يارىلاندى.
1295393
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونى تەۋەلىكىدىكى رەسۇلەين رايونىدا چارلاش – كۈزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملىرىمىزغا قىلغان ھۇجۇمىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 5 ئەسكەر يارىلاندى. يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇلدى، ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلار يوقىتىپ تاشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.